Tumgik
#ماددا
ahmedalghk · 2 years
Text
طائرة الأهلي تصعد للدور ربع النهائي في أبطال إفريقيا بعد الفوز على ماددا والابو
طائرة الأهلي تصعد للدور ربع النهائي في أبطال إفريقيا بعد الفوز على ماددا والابو
حقق أول فريق للكرة الطائرة رجال بالنادي الأهلي فوزا مهما على حساب الفريقين الإثيوبي مادادا وألابو ، في المباراة التي أقيمت بين الفريقين اليوم الجمعة ، ضمن دور الـ16 في بطولة الأندية الأفريقية. وأقيمت المباراة في صالة قليبية ، قدم خلالها رجال الأهلي عرضا قويا بفضل الجدار القوي والإرسال المثالي ، ليحقق الفريق انتصارا مهما اليوم وبلغ ربع نهائي البطولة الأفريقية. وفاز الأهلي بثلاث مجموعات مقابل صفر…
Tumblr media
View On WordPress
0 notes
elboox · 2 years
Text
البوكس نيوز - الأهلي يتأهل إلى ربع نهائي بطولة إفريقيا للكرة الطائرة
البوكس نيوز – الأهلي يتأهل إلى ربع نهائي بطولة إفريقيا للكرة الطائرة
تسعي جريدة البوكس نيوز بمد الجميع بالعديد حول ما سوف يتم نشره ،فنحنن نسعي جاهدين الي تبسيط والوصول لكم بكل شفافية ونتعرف اليوم علي ما الأهلي يتأهل إلى ربع نهائي بطولة إفريقيا للكرة الطائرة. الرئيسية الريـاضـة الجمعة, 13 مايو, 2022 – 7:28 م الزمالك والأهلي تأهل الفريق الأول لكرة الطائرة رجال بالنادي الأهلي، إلى ربع نهائي بطولة إفريقيا للكرة الطائرة بعد فوزه على فريق ماددا والابو الإثيوبي…
Tumblr media
View On WordPress
0 notes
Text
ئۇيغۇرلارنىڭ لاتىنچىغا ئۆتىشى توغرىسىدا
خىتاي كۆممۇنىسىتلىرى، 1949- يىلى غەلبېلى�� داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئازادلىق ھەركېتىنى سوۋېتنىڭ ياردېمى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇختارىيەت (ئاۋتونومىيە) بىرىش ۋەدېسى بىلەن جىمىقتۇرۇپ، مۇستەملىكېدىن قۇتۇلش  ئارپىسىدا تۇرغان شەرقى تۈركستاننى خىتاي خەلىق جۈمھۆرىيېتىنىڭ (خ خ ج) تەركىبىگە قوشىۋالغاندىن كىيىنلا، ئۇيغۇر زىمىنىنى تولۇق ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ بايلىقىنى خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلېتىپ شىنجاڭنى غەرىبكسەكلەش تۇرغۇلىغا (غەرىبكە كېڭىيىش بازىسىغا ) ئايلاندۇرۇشنى پلانلىغان ئىدى. 
شۇ پلانغا مۇناسىپ 1955- يىلى ئۇيغۇرلارغا، زىمىن ئىگېدارلىق ھۇقۇقىغا، ئۆز خائىشىچە خىتايدىن ئايرىلىش ۋە مۇستەققىللىق مۈمكىنچىلىكىگە ئىگە مىللى مۇختارىيەت ئەمەس، زىمىن ئىگېدارلىقسىز رايونلىق مۇختارىيەت قۇرۇپ بىرىپ: "شەرقى تۈكستان" دىگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇرپ: "شىنجاڭ" دىگەن نامنى ۋە شىنجاڭ خىتاينىڭ تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى ئۆز قانۇنىغا كىرگۈزدى، 1971- يىلى ج خ ج - نىڭ ب م ت- دا جاڭكەيشى دۆلتىنىڭ  ئورۇنىنى ئىگەلېشى بىلەن ئۇ، قانۇن خەلىقئارالاشدى.  
شۇ چاغلاردا ب د ت- نىڭ رەھبەرلىكىدە خەلىق ئارادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان - مۇستەملىكە ئەل، بېقىندا مىللەت ۋە خەلىقلەرنىڭ تەغدىرىنى ھەل قىلىش ئۈستىدىكى - مۇزاكىرە ۋە ھەركەتلەدىن شەرقى تۈركستان رەھبەرلىرىنىڭ تۈزۈك خەۋېرى يوق ئىدى. ئۇلار مىللى ئۆزلىك دىگەننى ئاڭلاپ باقمىغان، مىللى مۇختارىيەت ۋە رايونلىق مۇختارىيەت دىگەنلەرنىڭ پەرقىنى بىلمەيتدى. شۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى: "شىجاڭ ئۇيغۇر ئاۋتوم رايونىنى" قىزغىن قارشى ئالدى. نىمىشقا "شىنجاڭ" ئىبارېسى مىللەتنىڭ نامىنىڭ ئالدىدا تۇرۇدۇ؟ دىگەن سۇئالمۇ ئۇلارنىڭ كاللىسىغا كەلمىدى.
1957- 1958- يىللاردىكى ئاتالمىش: "ئېچىلىپ سايراش، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش" ۋە باشقا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئېلىپ بارغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىخدىدارلىق رەھبەر ۋە زىيالىلىرىنى يوقۇتۇش ھەركەتلىرى، ئۇلارغا  قوشۇمچە تۈرمە-لوگەيلەر سابىق شەرقى تۈركستان رەھبەرلىرىنىڭ كۆزىنى ئاچدى. رايونلىق مۇختارىيەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندى، ئامما پۇرسەتنى قولدىن بىرىۋەتكەن ئۇ، رەھبەرلەرنىڭ ھايات قالغانلىرى ۋەتېنىنى تاشلاپ قېچىشدىن، لوگەي تۈرمېلەردە يېتىشدىن ۋە ياكى باسقۇنچىلارغا ئىگىلىپ خىزمەت قىلىشدىن باشقا ئامال تاپالمىدى. ئۇلارنىڭ تۆۋەنكى قاتلاملاردا ساقلىنىپ قالغان قالدۇقلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بەزى يەرلەردە پارتلىغان چېچىلانغۇ ئىسيان، قوزغىلاڭلار شەپقەتسىز باستۇرىلدى. مىللەت باشلامچىلىرىدىن ئايرىلدى. "مەدېنى ئىنقىلاب" مىللى زىيالىلارنى ئۈزيل كىسىل يوقاتدى.
"مەدېنى ئىنقىلاب" جەريانىدا، سوۋېتنىڭ سايىۋەنلىكىدە قۇرۇلغان شەرقى تۈركستان ئازادلىق پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە: "خۇنۋەيبىن قالپىقى" ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئازادلىق ھەركەتلىرى، ماۋزېدۇڭنىڭ ئۆلىمىدىن كىيىن تۈگىگەن "مەدېنى" ئىقىلابدىن كىيىن، يەنە شۇ سوۋېتنىڭ خىتايغا ھىسداشلىقىدا قانلىق باستۇرىلىدى. شۇ قاتارردا خىتاي رەھبەرلىرى كۆرىنىشكە ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرسېتىپ، ئۇيغۇرلارغا 10 يىلدىن ئارتۇق جەرياندا مەكتەبلەردە ئۇمۇملاشتۇرىلغان، لاتىنچىنى تاشلاپ ئۆز يېزىقىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىلىشدى. ئەمەلىيەتدە ئۇ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئەژدادلىرىدىن ئايرىۋېتىش سىنىقى ئىدى.
شەرقى تۈركستان ئازادلىق پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە "مەدنىيەت ئىقىلابى" جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن، ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ھەركەتلىرى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ، ئىككى يۈز يىل جەريانىدا شەرقى تۈركستانغا قول سېلىپ، ئۇنى تولىقى بىلەن ئىگەللەشكە يول قويماۋاتقان رۇسىيە بىلەن دۈشمەنلەشسە، شىنجاڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا كۆزى يەتدى.
1950- يىللارنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدىن باشلاپ سوۋېت بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرى، شىنجاڭدىن ئايرىلسا داھىسى مۋزېدۇڭنىڭ: "بىز دۆلېتىمىزنىڭ زىمىنىنى ئىككى ھەسسە كېڭەيتدۇق، بىزدىن كىيىنكى ئەۋلادلار يەنە شۈنچېلىك كىڭەيتىشى لازىم" – دىگەن ۋەسىيېتىنى ئىجرا قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ، رۇسىيەگە دۈشمەنلىكدىن دوسلىققا ئۆتدى. خىتاينىڭ يېڭى رەھبېرى دىڭ شاۋپىڭ: "كونا ۋاراقنى يېپىپ، يېڭى ۋاراقنى ئاچايلى" – دەپ بىشارەت قىلىپ، يېڭى دوسلىققا يول ئاچدى.
سوۋېت بەربات بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەربى تۈركستاندىكى قېرىنداشلىرى 1991 يىلى مۇستەققىلققا ئىرىشدى. بۇ، ئۇيغۇرلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ، ھەدىدىن زىيادە زەيىپلەشكەن ھەركەتلىرىنى جانلاندۇردى. بۇنىڭدىن چۇچىغان خىتايلار، رۇسىيەدىكى سىياسى، ئىختىسادى ۋە ئىجتىمائى قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلىپ ئۇنىڭ بىلەن سودا ۋە سىياسى ئالاقىلارنى جانلاندۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ قولى بىلەن غەربى تۈركستان دۆلەتلىرىنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئامىلىنى ئىزدىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي، 1996- يىلى خىتاي، كۆرۈنىشكە رۇسىيەنىڭ رتياسەتچىلىكىدە: "شەڭخەي بەشلىك ھەمكارلىقى" (كىيىن ئالتېلىككە ئايلانغان)- نى تەسىس قىلدى. ئۇ تەشكىلنىڭ مەخپى ھۆججەتلىرىگە (رۇسىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئاشكارېلىشىچە): "ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلىقىغا بىرلىكدە قارشى تۇرۇش" دىگەن ئالاھىدە ماددا كىرگۈزىلدى. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ ۋە ئۇتۇرا ئاسىيە تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى جىسمانى1) ۋە روھى2) يوقۇتۇشىنى، كۆرمەسلىككە سېلىش ۋە ھەتتا قۇللاش رازىلىقىغا ئىرىشىپ، ش ئۇ ئا ر-دا ئاشكارە دۆلەت تېررورچىلىقىنى (قاتىلچىلىقىنى) باشلىدى.
ھازىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاۋنونوم رايونىنىڭ (ش ئۇ ئا ر)  ئاھالە تەركىبىدە خەنلەر ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىگەندە، خىتاي رەھبەرلىرى، ئۇزلىرىنىڭ - شىنجاڭنىڭ بايلىقىدىن خاتىرجەم پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۇتتۇرا ئاسىيەنىڭ ئىختىسادى مەركېزىگە ئايلاندۇرۇپ،ئو زىمىن دۆلەتلىرىنى ئىختىسادى، سىياسى تىزگىنلەپ، ئۇلارنىڭ ۋە رۇسىيەنىڭ شەرقى زىمىنلىرىنى ئۆمۈلەپ (ئۇرۇشماي ئاھالە كۆچۈرىپ تەدرىجى) ئىگەللەش- پلانىغا، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەققىللىق خائىشىنى خەلىق ئاراغا كۆتۈرىپ چىقىپ غۇلغۇي سېلىپ توسقۇنلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خەنلەرگە مەجبۇرى سىڭدۇرۇپ (ئاسسىمىلەتسىيە قىلىپ)،  قارشى چىققانلارنى ساخچا ۋە ئەسكەرلەرنىڭ كۇچى بىلەنلا ئەمەس، خەنلەرنى قوزغاپ بېسىقتۇرۇپ (2009 يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىىدىكىگە ئوخشاش) ئۇيغۇرلارنى   XXI ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە مىللەت سۈپېتىدە يوقۇتۇشقا ئالدىرىماقدا.
بۇنىڭ ئۈچۈن، ب.د.ت- نىڭ نىزامنامە، بايان، مىللى ۋە ئىنسانى ھۆقۇق قارارلىرىغا خىلاپلىق ھالدا، ئۆزىنىڭ ئىرقى يوقۇتۇش (گېنوتسىدلىق) سىياسېتىنى جىددىلەشتۈرمەكدە. ئۇيغۇر تىللىق مەكتەبلەرنى ئاتالمىش قوش (خەن) تىللىققا ئايلاندۇرۇپ، دىنى مەكتەبلەرنى ۋە دىننى چەكلەپ، ئۇيغۇر تىلىنى، دىنىنى ۋە ئۇ، دىن بىلەن ئالاقېدار يېزىقىنى يوقاتماقدا.
مۇشۇ ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلار مىللېتى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن نىمە قىلىۋاتىدۇ؟ دىگەن سۇئال كاللىنى قوچىماقدا.
بۇ سۇئالغا جۇۋاب ئىزدەپ، مەن تۆۋەندىكىلەرنى بايقىدىم.
1.  تۈركىيەدە،باشقا مۇسۇلمان ۋە غەرىبى ئەللېرىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بىرىپ، تىرىشىپ ئوقۇپ، ئالى مەلۇمات ئالغان،ئۆزلىرىنىڭ تۇغما تالانت ۋە ئەقلى ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇ، ئەللەرنىڭ شەرەپلىك يۇقۇرى ئىلمى ئىنۋانلارىغا ئىرىشكەن ئۇيغۇر ئوقۇمىشلىرى ئۆز مىللېتىنى قانداق ساقلاپ قېلىش توغرۇلۇق باش قاتۇرماقدا. مىللېتىنى "ئىلغار كومپۈتېر يېزىقى" لاتىنچىغا كۆچۈرىپ ئىلغارلاشتۇرۈش، يەھۇدىلاردى ئۇگۈنىپ كۈچلىك مىللەتكە ئايلاندۇرىشنى ئويلىماقدا.
2. قازاقستان ۋە باشقا، سابىق سوۋېت تەۋلىكىدە يىڭى پەيدا بولغان قېرىنداش مىللەت دۆلەتلەرىدە ياشاۋاتقان - ئۇيغۇر ۋەتېنىڭ سىرىتدىكى ئېڭ جىق سانلىق ۋە ساۋادلىق – ئۇيغۇرلار، ئۇ، دۆلەتلەرنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش پلانلىرىغا قوشۇلۇپ، لاتىنچىغا كۆچىشكە، ئۆزلىرى بىلىپ-بىلمەي، مىللېتىنىڭ تارىخى ۋەتېنىدىكى ئاساسى قىسمىدىن  يەنىمۇ يىراقلىشىشقا ھەركەت قىلماقدا. ئۇ، دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولىۋاتقان دوسلۇقىغا پۇتلىشىشدىن قورقۇپ، ئۇيغۇر ۋەتېنىنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ تەغدىرىگە يىراقدىن ئىنچىكە (بىلىنە-بىلىنمەس) ھىسداشلىق قىلماقدا.  
3. چەت ئەللەردە يوشۇرۇنۇپ ئېغىر تۇرمۇشدىن بىر ئاز ھۇشىغا كەلگەن ئاز ساندىكى، ئالى مەلۇماتدىن ئانچە جىق خەۋېرى يوق، قېرىنداشلار غەربى دېموكرات ئەللەرىنىڭ ھىسداشلىقىغا تېيىنىپ، ۋەتېنىنى خىتايدىن قايتۇرۇېلىش داۋاسىنى قىلماقدا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا خاس، ئابرۇي، مەڭسەپ ۋە تۆر تالىشىش ئەھۋاللىرىمۇ ئاز- تولا مەۋجۈد.
4. ئۇيغۇر ۋەتېنىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ جىمىسى خىتايدىن قۇتۇلشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئامالسىز ئۇ، ئازۇسىنى قەلىبلىرىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇپ، ئاللاھدىن شەپقەت ۋە ھۆرلىك تىلەپ، جانلىرىنى ساقلاپ قېلىش كويىدا ياشىماقدا. شۇنداقدىمۇ بەزىبىر ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ باسقۇنچىلارغا قارىتا نەپرەتلىرىنى قولىدىن كىلىشىچە جارى قىلىدۇرۇپ - خەلىق ئاراغا خەۋەرلەر تارقىتىپ، ساقچىلارغا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، ئايرىم كەلكۈن خەنلەرگە  قۇرالسىز ھۇجۇم قىلىپ ۋە ئاندا-ساندا بومبىلارنى پارتلىتىپ، باسقۇنچىلارنى ئەنسىرەتمەكدە، ئاز ساندىكى ساۋادسىز ۋە ياكى چالا ساۋاد نادان ئەخماقلار، جان بېقىش كويىدا، چېقىمچىلىقنى -  خۇلۇم -قۇشنا، ئۇرۇق- تۇققان، ئەل- ئاغىېلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىغا شكايەت قىلىشنى – كەسىپ قىلماقدا. بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمېتى كەڭ يول ئېچىپ بەرمەكدە.  ئۇ بىچارېلارمۇ خىتايدىن قۇتۇلۇشنى خالايدۇ.  
تۆۋەندە، يۇقۇرىدا ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرىگە مۇناسۋەتلىك، ئۇيغۇرلانىڭ ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان تۆرت خىل ھادىسىگە، كونا مۇھاجىرلىق سۈپېتىم بىلەن: "ئۇيغۇرلارغا ئۆز ۋەتېنىدىن بۆلەك پانا يوق" -  دىگەن كۆز قاراشدا ئۆزېمنىڭ تەپەككۇرات نەتىجېلىرىنى ئايان قىلماقچىمەن.
مىللەت توغرۇلۇق گەپ ئېچىشنىڭ ئالدىدا مىللەت دىگەننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ شەكىللېنىش ۋە بەرپالىق شەرتلىرىنى ئېنىقلىۋېلىش مۇھىم. بۇ توغرلۇق 1913- يىلى توردا رۇسچە ئېلان قىلىنغان: "ئېۋراسىيەدىكى مىللى مەسىلە (НАЦИОНАЛЬНЫЙ ВОПРОС в ЕВРАЗИИ)" ناملىق ماقالېغا قاراڭ. ئادرېسى: (
http://maxpark.com/community/4375/content/2087506
).                  
"مىللەت - ھاياتلىق مەجبۇرىيېتى ئاستىدا، قانداشلىق ۋە تىل ئۇمۇملىقى ئاساسىدا ئۆزىنى باشقۇرالايدىغان ۋە قوغدىيالايدىغان مەدېنىلىككە ئيرىشكەن، تارىخى جەرياندا مەلۇم بىر زىمىن دائىرېسىدە روھى مۇقىملىقدا مۇستەھكەم ئۇيۇشقان – ئىنسانلار جامائېتى.
 «Нация есть духовно-монолитная общность людей сложившаяся исторически, жизненной необходимостью на определенной территории, на базе кровной и языковой
общности, проявившаяся единой культурой, способная к самоуправлению и защите».
بۇ ئېنىقلىمىغا مۇناسىپ، ئىنسانلار توپىنى مىللەت دەرىجېسىگە كۆتۈرىپ ئۇنىڭدا دۆلەتچىلىك ئاڭىنى پەيدا قىلغان: – قانداشلىق  ھىسياتى؛ تىل ئۇمۇملىقى؛ ئىتىقاد (ئىشەنچە)، دىن، ئىدېيە، ئۇلارنى  ئۇمۇملاشتۇرۇپ روھىيەت ھاسىل قىللغان يېزىق، ئۇلار جەملەشكەن زىمىن ۋە قوغدۇنۇش قالقىنى (دۆلەت).
دىمەك، مىللەتنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئېڭ ئەۋۋەل ئۇنىڭ قالقىنى بولغان دۆلېتىنى ۋە دۆلەتچىلىك ھىسياتىنى يوقۇتۇش كىرەك. خىتاي باسقۇنچىلىرى ئۇيغۇر دۆلېتىنى رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقىدا 200 (1759 – 1949)  يىل جەريانىدا يوقاتدى. بۇنىڭ نەتىجېسىدە،  ھازىر خەلىق ئارادا  -  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ (ب د ت) -نىڭ نىزامنامىسىدا: "مۇستەملىكە خەلىقلەرگە مۇستەققىللىق بىرىش" توغىرىسىدىكى ئالاھىدە دىكلاراسىيەسىدە ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىك (ئۆزىنى - ئۆزى سوراش، باشقۇرۇش، ئۆز زىمىنىغا ۋە ئۇنىڭ بايلىقىغا تولۇق ئىگېدارلىق قىلىش) ھوقۇقىغا ئائىت ھوججەتلەردە ئايانلانغان مەسلەك، تەرتىپ قائىدېلارغا خلاپلىق ھالدا - ئۇيغۇر زىمىنىنى خىتاينىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەققىلىق خائىشىنى ۋە كۈرەشلىرىنى بۆلگۈنچىلىك ھىساپلالىمدقدا. خىتاي ھۆكۈمېتى بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى: "بۆلگۈنچى، تېررورچى، ئەسەبى دىنى ئۇنسۇرلار" دەپ ئەيىپلەپ، خەلىق ئارا ھۆججەتلەردە چەكلەنگەن ۋە "جىنايەت" ھىساپلىنىدىغان دۆلەت تېررورلىقى ۋە ئىرقى يوقۇتۇشنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ھاي- ھۇيىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارستاندا  كەڭ كۈلەملىك ئېلىپ بارماقدا.
خەلىق ئارادا - ئۇيغۇرلارنى: "خىتاينىڭ مۇستەملىكېسى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ مۇسەتتەققىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس" دەپ، قارايدىغانلىقىنىڭ سەۋبلىرى، ئۇيغۇر مىللېتنىڭ:
-  ئاخىرقى مىڭ يىللىق تارىخى جەرياندا ئۆزىنىڭ روھىيېەت ئۇلىنى يوقۇتۇپ، روھى بېقىندىلىقدا قۇدرېتىنى ئۇپرۇتۇپ ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، ئۈچ ئەسىر ئەۋۋەل خىتاينىڭ مۇستەملىكېىسىگە ئايلېنىپ قالغانلىقى. ئاسارەتدە، جان باقار موللە، سوپا، ئىشانلارنىڭ يالغان دىنى تەرغىپ- تەشۋىق، پەتىۋالىرى ئاستىدا خۇراپىلىققا پېتىپ، ھەتتا ئۆز مىللېتىنىڭ نامىنىمۇ ئۇنتۇپ، ساددا ۋە ئەخمېقانە ئەگەشمە خىسلەتلىك ئىنسانلار توپىغا ئايلىنىپ قېلىشى؛
- ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان زىيالى ۋە مىللى ئازادلىق ھەركەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇقىم مىللى روھدىن مەستەسنالىقى، ئەگەشمېلىك خىسلېتى تۈپەيلىدىن مىللېتىنىڭ مەنپەتىگە سادىق بولالمىغانلىقى، خەلىق ئارا  سىياسەتنىڭ ئەگرىلىرىدە ئادىشىپ مىللېتىگە پايدىلىق يول تاپالماي، نۇرغۇن قانلار ھىسابىغا كەلگەن ئازادلىق ھەركېتىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى ئەتراپدىكى مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇپ ساقلىيالمىغانلى؛
- مۇستەملىكە ئەل ۋە خەلىقلەرنىڭ ئازادلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئېڭ ئۈنۈملىك دەۋرى بولغانXX   ئەسىردە، شەرقى تۈركستاننىڭ رەھبېرى سىياسىئۇنلىرى ئۆز خەلقىنىڭ ئۆزلىك خائىشىنى ۋە سالاھىيېتىنى خەلىق ئاراغا ئايانلىيالمىغانلىقى.
مانا بۇلار، ئۇيغۇر مىللېتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى تونۇمايدىغان ۋە ئۇنىڭ دۆلەتچىلىكىنى ئەكسىگە كەلتۈرىشىنى ھەدىدىن زىيادە مۈرەككەپلەشتتۈرىۋەتكەن سەۋەبلەر.
ئامما مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ: "مىللەتنىڭ ئاخىرقى تىنىقى، مىللەت شاكراتدا، XXI  ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە يوقۇلۇپ كىتىدۇ" -  دىگەن تەشۋىشدە چەت ئەللەردە پانا ئىزدەشكە ئاساس يوق. چۈنكى يىگىرمىنجى ئەسىرنىڭ بىرىنجى چارېكىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇنۇتقان نامىنى ئەكسىگە كەلتۈرىپ روھى ئويغۇنىشقا باشلاپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىش، چېپىش، قىيىن قىستاقلىرى ئاستىدا، ئۆز قانلىرىدا غۇسۇل قىلىپ، دۇنياغا ئوچۇق كۆزبىلەن قارايدىغان بولدى. مىللەتنىڭ نۇرغۇن ئوغلان- قىزلىرى چەت ئەللەردە ئوقۇپ كۆرىنەرلىك ئۇتۇقلارنى قازىنىپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتىشقا باشلىدى. نۇرغۇن قېرىنداشلار دېموكرات دۆلەتلەرنىڭ بوسۇغىلىرىدا ۋەتەن دۋاسى قىلىپ يۈرىدۇ.
ئەلۋەتتە داۋا،نامايىشلار بىلەن خىتاينىڭ قولىدىن ئۇيغۇر ۋەتەنىنى قايتۇرۇپ ئېلىش مۈمكىن ئەمەس، ئامما كۈندىن- كۈنگە قۇدرەت تېپىۋاتقان خىتاي بىلەن دۇنيانىڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلىرى ئوتۇرىسىدا رېقابەت كۈچەيمەكدە. دۆلەتلەر ئارا دوسلۇقمۇ مەڭگۈلىك ئەمەس، خىتاينىڭ يېقىن دوسلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئەنسرىمەكدە. دۇنيانىڭ سىياسى خەرىتېسى ھېچ ۋاقدا مۇقىم بولمىغان. بۇلار بىزنىڭ دۆلەتچىلىكىمىزنى ئەكسىگە كەلتۈرىش ئۈمىدىمىزنىڭ مۈستەھكەملىمەكدە. ئۈمۈدسىزلىككە ئورۇن يوق.
ئۇيغۇرلانىڭ ئالى مەلۇماتلىق ئوقۇمىشلىرىنىڭ تۈركىيەدە ۋە غەرىب ئەللىرىدە كۆپېيىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىنى مۇھاجىرەتكە دەۋەت قىلىش، ئۇ يەرلەردىمۇ: "تىلىنى ساقلاپ قىلىش ئارقىلىق مىللەتنى ساقلاپ قېلىش مۈمكىن"، "مىللەتنىڭ ئۇمۇملىق تېپىشى ۋە زامانىۋى تەراققىياتى ئۈچۈن لاتىن ھەرىپلىك يېزىققا ئۆتىش لازىم"- دىگەن تەشۋىق- تەرغىپلەر كۆپەيمەكدە. ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئۇنداق پىكىرلارنى خەلقىمىز مەغرۇرلىنىدىغان ھەر ساھدىكى ئاتاقلىق ئالىملارمۇ قوللىماقدا.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى – يەھۇدىلىلار ئۈچ مىڭ يىل ئەۋۋەل دۇنياغا چېچىلىپ كىتىپ، ئۆزىنى ساقلاپ دۆلېتىنى ئەكسىگە كەلتۈرەلىدىغۇ. بىزمۇ شۇنداق قىلىمىز– دىگەننى ئالغا سۈرمەكدە.
ئۇلار، يەھۇدىلارنىڭ شۇ ئۈچ مىڭ يىل جەرياندا ئۆزېنىڭ روھىيەت ئاساسى بولغان دىنىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ ئالاقىدار يزىقىنى ئۇيغۇرلاردەك تاشلىۋەتمەي، كۆزنىڭ قارچۇقىدەك ساقلىغانلىقىنى ھىساپقا ئالماۋاتىدۇ.  
مىنىڭچە ئۇنداق تەشۋىق ۋە پىكىرلار خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللېتىنى يوقۇتۇش پلانىنى ئۆزلىرى چۈشەنمەي، قوللاۋاتقانلىېىدۇر.
ھەر قانداق مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزىنىڭ ئاساسى قىسمىدىن ئايرىلىپ، بىرىنجى ئەۋلاددىلا ئانا تىلىنى ئەتراپدىكى دۆلەتمەن (كۆپ سانلىق) مىللەتنىڭ تىلى بىلەن ئەبجەشتۈرىۋېتىدۇ. ئىككىنجى، جىق بولسا ئۈچىنجى ئەۋلادقا بارغاندا، تۇرمۇشدا ھاجەتسىزلىكىدىن تىلىنى ئۇنتۇيدۇ. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز مىللېتىدىن جۇپ تاپالماي باشقا مىللەت پەرزەنتلىرىگە ئۆلىنىدۇ ياكى تۇرمۇشقا چىقىدۇ. مىللېتى ۋە ۋەتېنى بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ. ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ھىسابلىغان ھالەتدىمۇ ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
مەسىلەن:
-  چىنگىز خان دەۋرىدە، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە كىيىن رۇسىيەگە كىلىپ رۇسلارغا سىڭىپ كەتكەن، 20- ئەسىردە كىلىپ، تىلىنى يوقۇتۇپ ۋەتېنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتقان، تۈركىيەگە چىقىپ تۈركلەرگە سىڭىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئاز ئەمەس؛
- ھازىر رۇسىيەدە، بىرەر مىللەت بالىلىرىنىڭ سانى 15 كە يەتسە ھۆكۈمەتنىڭ خاراجېتى بىلەن مىللى تىللىق سىنىپ ئېچىشقا بولىدۇ. ئامما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنداق سىنىپى يوق. چۈنكى موسكۋادا ئېچىلغان ئۇئۇيغۇر تىلىنى ئۈگۈنىش سىنىپى يېرىم يىلدىن كىيىن يېپىلدى. ئۇيغۇلار چېچىلىپ ياشىغانلىقدىن، مەكتەبكە يولنىڭ يىراقلىقىدىن ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ موسكۋا ھاياتىدا ھاجەتسىزلىكىدىن بالىلارنىڭ تولىسى ئۈگۈنىشكە قىزىقمىدى، ئاتانالارمۇ باللىرىنى ئانچە مەجبۇرلاپ كەتمىدى.  
-  بىر نەچچە يۈز مىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان، نۇرغۇن ئۇيغۇر مەكتەبلىرى بار قازاقستاندا ئۇيغۇر مەكتەبلىرىدە ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ ۋە مەكتەبلەرنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئازايماقدا. بالىلار رۇس ۋە ياكى قازاق تىللىق مەكتەبلەردە ئوقۇماقدا. ئۇيغۇر مەكتەبلىرىدە ئوقۇغانلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ۋەتېنىنى بىلىشى تايىنلىق، چۈنكى ئۇلار، ئۆز مىللېتىنىڭ ئاساسى قىسمى بىلەن ئىككى - ئۈچ ئەۋلاد ئارىلاشماي، يېزىق ئۇمۇملىقىسىز ياشىغان. ئاتا-ئانىلىرىنىڭ نىلىرى بىلىدىغان ئائىلە تىلىنى بىلىدۇ. ئۇلار، ئۆزىنىڭ تارىخى ۋەتېنىنى ئۇنۇتمىغان بىلەن ئۇنىڭغا، ئانا يۇرتىدىن قوزغالماي ياشاۋاتقان قېرىداشلىرىدەك، كۆيىنمەيدۇ.
يۇقۇرىدا كەلتۈرىلگەن مىساللا، ئېۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە چېچىلىپ ياشاۋاتقان ئازغىنا (بىر نەچچە يۈز، ياكى بىر نەچچە مىڭ) ئۇيغۇرلارنىڭ: " ئۇ، ئەللەردە تىلىمىزنى ۋە مىللېتىمىزنى ئەۋلادلىرىمىزدا ساقلاپ قالىمىز" دەپ، ۋەتەنداشلىرىنى ئۇ يەرلەرگە كۆچېشكە ئۈندەشلىرى، يۇمشىتىپ ئەيتقاندا، خام خىيالدۇر.
روھىيەتسىز مىللەتنىڭ ۋەتېنىدىن ئايرىلغان بۆلەكلىرىنىڭ تەغدىرى – يوقۇلىشدۇ.
بۇنى خىتايلار ياخشى بىلگەنلىكدىن  ئۇلارنىڭ پلانىدا ئۇيغۇرلارنى ۋەتېنىدىن كىتىشكە مەجبۇرلاپ يوقۇتۇشمۇ بار.
ۋەتەنسىز مىللەت يوق.
مۇھاجىرەتدىكى قېرىنداشلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدكى ئابرۇيلىق ئالى مەلۇماتلىقلىرى، بۇنى چۈشېنىپ:
- ۋەتەنداشلىرىنى، مىللەتنىڭ بۆشىكىنى تاشلاپ غەرىب ئەللىرىگە كۆچېشكە ئەمەس، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆز زىمىنىنى، ئۇنىڭدىكى ئەژدادلىرى قالدۇرغان مىراسنى ۋە ئۇلار بىلەن زىچ ئالاقىدار يېزىقنى تاشلىماي،   قىيىنچىلىقلارغا چىداپ، ئىمانىنى مۇستەھكەملەشتۈرىپ، ئۇلانى قوغداپ، دلۆلەتچىلىكىنى ئەكسىگە كەلتۈرىشكە ھەكەت قىلىشقا ئۈندېشى لازىم.  
خەلىق ئارادا:
- ئۇيغۇرستان خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس، ئۇنىڭ قۇراللىق بېسىۋالغان مۇستەملىكېسى؛
- ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمى ھىساپلىنىۋاتقان ش ئۇ ئا ر-نىڭ ئاز سانلىق مىللېتى ئەمەس، ئۇزۇن تارىخى جەرياندا (19- ئەسىرگىچە) ئۆز زىمىنىدا مۇستەققىل ياشاپ كەلگەن، ھازىرمۇ خىتاينىڭ ئىرقى يوقۇتۇش سىياسېتىگە ۋە ئۇ، زىمىنغا مىللىئونلاپ خەنلەرنى كۆچۈرېشىگە قارىماي، ئۇنىڭ ئاھالېسىنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكۈللىگىچى مىللەت؛
- ئۇيغۇرلانىڭ خىتايغا قارشى ھەركېتى بۆلگىچىلىك ئەمەس، مۇستەملىكېدىن قۇتۇلۇش ھەركېتى -  دىگەن چۈشەنچېلەرنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەل ئاھالېلىرىنىڭ كاللىسىغا سىڭدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئازادلىق ھەركېتىنىڭ ھىسداشلىرىنى كۆپەيتىشىكە ھەركەت قىلىشى، مىللېتىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى پەرپالىقىغا قوشىدىغان ئېڭ چوڭ تۆھپېسىدۇر.
مۇھاجىرەتدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى لاتىن ھەرىپىگە كۆچۈرىش تەرەپدارلىرىغا كەلسەك، ئۇلار، ئۇيغۇر مىللېتىنى يوقۇتۇشنىڭ بىرىنجى باسقۇچى ھىسابىدا خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ مىنىستىرلا رەئىسى (باش مىنىسترى)  جۇئېنلەينىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1960- يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ لاتىن ھەرىپلىك پىڭيىنىغا كۆچۈرىشىنى تۆرت ئەزايى بىلەن قوللىغان ش ئۇ ئا ر-نىڭ رەھبەرلىرى: سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇللا زاكىرى ۋە شىاھىر ئەلقەم ئەختەمگە ئوخشىغان چوماقچىلارنى ئەسلېتىپ، ئادەمنى ھەيران قىلماقدا. قانداقچە - چەت ئەللەردە ئوقۇپ، ئوقۇشدىن كىيىن ۋەتېنىگە قايتالمىغان ئۇيغۇر ئوقۇمىشلىرى، خىتاينىڭ ئىرقى يوقۇتۇش سىياسېتىگە جان- دىلى بىلەن قارشى تۇرۇشنىڭ ئورۇنىغا ئۇ، سىياسەتنىڭ موھىم بىر تەركىبى قىسمىنى قوللاشقا باشلىدى؟ - دىگەن، جۇۋاپسىز سۇئال تۇغۇلماقدا. ھەيرانلىقدا ئەجەپلەنمەكتىمەن.
بەلكىم، ئۇلار غەرىب ئەللىرىدە، مىنىڭ ئەقلىم يەتمەيدىغان : "جىمى ئىنسانلار ئوخشاش مايمۇندىن يارالغان، مىللەت، ۋەتەن، دىن، مىللى ئۆزلىك ۋە باشقا مىللى ۋە ئىنسانى خاسلىق چۈشەنچېلەر، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم بەخىتلىك ياشىشىغا پۇتلىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ، ئۇلارسىز، يەر يۈزىدە ھەممېنى بەخىتلىك قىلىدىغان بىرلا جەمىئەت قۇرۇش كىرەك" دىگەن، خىيالى چۈشەنچىنى ئۆزلەشتۈرىۋالغان بولىشى مۈمكىن. ياكى، بەلكىم، ئۇلار غالچىلارنىڭ غوجايىنىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرىش خىسلېتلېتىنى مۇكەممەل ئۆلازلەشتۈرگەن بولىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا چۈشۈنىشلىك. ئۇلار بىلەن تاكاللىشىشنىڭ ھاجېتى يوق،
بۇ ماقالە مىللەت ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئۈچۈن يېزىلدى.
مەلۇمكى، ھەر قانداق مەرىپەت يېزىقنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن باشلانغان، مىللى روھىيەت مەرىپەتدىن تۇغۇلغان. ئۇيغۇر-تۈرك مەرىپېتىمۇ بۇنىڭ سىرىتىدا ئەمەس. ئاممائىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىنكى ئۇلار  (ئۇيغۇر-تۈركلار) ياراتقان مەدەنىيەت ئەرەپ-ئىسلام مەرىپېتىگە مەنسۇپ ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ئەژدادلىرىمىز، ئۆزلىرىنىڭ يېزىقىنى تاشلاپ، ئىسلام دىنى بىلەن بىرلىكدە ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلدى. ئامما ئۇ، دىننى ۋە يېزىقنى ئۆز ھاياتىغا تۈزۈك ماسلاشتۇرالماي، روھى بېقىندىلىقدا، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ جەڭچىلىرى ھىساپلاپ ئېروپانى غىدىغلاپ، ۋەيران بولىدى.
مىڭ يىل جەريانىدا تۈركلارنىڭ بىرلىك رەشتېسى بولۇپ كەلگەن ئەرەپ ئىلىپبەسىگە ئاساسلانغان خاقانىيە يېزىقىنى ئىسلاھەت قىلىشنىڭ ئۇرۇنىغا، ئۇنى ۋە ئى��لام دىنىنى: "ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ خۇراپىلىشىپ يوقۇلىشىغا سەۋەپچى بولغان" دىگەن خاتا ئويدا، تۈرك جۈمھۆرىتىنىڭ رەھبېرى قۇرغچىلىرى لاتىن يېزىقىنى ئانادول تۈركلىرىگە تېڭىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ يېزىق بىرلىكىنىڭ بۇزۇلىشىغا ئاساس سالدى. ئۆكتەبىر ئىقىلابىنىڭ رەھبېرى، لېېنىن رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى تۈركلەرگە رۇس ئىپبەسىنى تېڭىپ، تۈرك بىرلىكىنىڭ ئاساسىغا ئەجەللىق پالتا ئۇردى. تۈرك مىللەتلىرىنىڭ تىللىرى ئېۋروپا ۋە رۇس تىللىرى بىلەن ئەبجەشلېشىپ، بىر- بىرىدىن يىراقلاشدى.
تۈرك مەرىپېتىنىڭ باشلامچىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرى ئاسارەتدە بولسىمۇ، خاقانىيە يتزىقىنى جىمى تۈركلەرنىڭ تاۋۇشلىرىنى تولۇق ئىپادىيەلەيدىغان دەرىجىدە ئىسلاھەت قىلىپ، شەرقى تۈركستان تۈركلىرىنىڭ يېزىق بىرلىكى ۋە تىل ئۇمۇملىقىنى ساقلاپ قالدى. ھازىر ئۇلارنىڭ جىمىسى (ئۇيغۇرستان تۈركلىرى) چاغىتاي يېزىقىنىڭ ئەرەپ تاۋۇش ئىپادېلىرىدىن قۇتۇلغان تۈرىدە يازىدۇ. ئۇلارنىڭ يىزىقلىرى بۇزۇلمىدى. بىر- بىرىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئۇيغۇرستاندا تۈرك دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى مەرىپېتىگە ئاساس سېلىندى.
ئەلۋەتتە بۇ، بىرلىككە ئۈنتىلىۋاتقان ئىككى يۈز مىللىئونلىق تۈركلەرنىڭ بىرلېشىپ، دۇنيانىڭ سىياسى سەھنېسىدە ھەل قىلغۇچ ئورۇن ئىگەللېشىگە قارشى كۈچلەرگە ياقمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار، تۈرك دۇنياسىنىڭ تەكرار مەرىپەتلېشىپ كۈچلىنىشىگە يول قويماسلىق ئۈچۈن، تارىخى جەرياندا  ئۆزىنىڭ يېزىق ۋە مەدېنى ئىجاتكارلىقى بىلەن ئۇ، دۇنيانىڭ بىرلىكىنى تەمىنلەپ كىلىۋاتقان، ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ بېچارە ھالىغا قارىماي، شۇنى ئويلاۋاتقان ئۇيغۇر مىللېتىنى تۈرك دۆلەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرىشقا ۋە ئۇنىڭ يېزىقىنى، (دىمەك، تۈرك دۇنياسىنىڭ يزىقىنى) ئۈزىل-كىسىل يوقۇتۇشقا جىددى ھەركەت قىلماقدا. بۇنىڭدا تۈرك دۇنياسىنىڭ رىقابەتچىلىرى كۆرىنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئىرىشدى. ھازىر تۈرك دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلاردىن يۈز ئۆرىمەكدە.
"ئىلغار ئاخبارەت ۋاستىسى "كومپۈتر يېزىقى" - لاتىنچىغا ئۆتۈپ بىرلېشىپ تەرەققى تاپايلى، شانلىق تارىخىمىز ۋە مەدېنى ئۇمۇملىقىمىز ئاساسىدا بىرلىشەيلى"! دىگەنگە ئوخشاش شۇئارلار ۋە ئاممىۋى تۈرك بىرلىكى جەمىئەتلېرىنى قۇرۇش ئارقىلىق تۈركلەرنى بىرلەشتۈرىش مۈمكىن ئەمەس. تۈركىيەنىڭ لاتىنچىغا ئۆتۈپ قازانغان ئۇتۇقلىرىمۇ تايىنلىق. تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئەمېلى ئىشلىرى، ئەكسىنچە، تۈركلەرنى ئۆز ئارا يىراقلاشتۇرماقدا. ئۇ، دۆلەتلەر بىر-بىرى بىلەن باشلامچىلىق تالاشماقدا. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيانىڭ سىىياسى سەھنېسىدە كۆرىنەرلىك رول ئوينايدىغانلىرى يوق، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئالدىدا يۈگېرمەكدە. يېقىن تارىخى ئۇپۇقدا ئۇلارنىڭ بىرلىك شەپېسى كۆرىنمەيدۇ.
تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرىش ئۈچۈن ئېڭ ئەۋۋەل، ئۇنىڭ لاتىنچىغا ۋە كىرىلچىغا  ئۆتۇشى بىلەن يوقالغان مەرىپېتىنى زامانغا لايىق ئەكسىگە كەلتۇرىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ مەرىپېتنىڭ ئاساسى بولغان تارىخى يېزىقىنى ئەكسىگە كەلتۈرىش كىرەك. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ دىنى بىلەن ئالاقىدار، ئۇيغۇرستاندا ئۇمۇملاشقان چاغىتاي يېزىقىنىڭ ھازىرقى تۈرىگە، شامان ۋە بۇددا دىنىدىكىلىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ دىنىلىرى بىلەن ئالىقىدار، ھازىرمۇ مۇڭغۇللار ئىشلېتىۋاتقان، كونا ئۇيغۇر يېزىىغا ئۆتېشى، دىنلىرىنىڭ يىلتىزى ئۇمۇملىقىنى تونۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك. (ئۇ دىنلارنىڭ جىمىسى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە ئاساسلانغان) .
تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ئايرىم  مەسىلە بولسىمۇ، پەرەڭلارنى (ئېۋروپالىقلارنى) ئىلغار مىللەتلەر ھىساپلاپ، جىمى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ لاتىنچىغا ئۆتىۋاتقانلىقىنى، ئۇ، دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلانىڭ ئۇلارغا ئويسىز ئەگىشىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ مەسىلېگە ئازراق تىگىپ قويدۇم.  
تارىخ جەريانىدا، ئۆزىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللارغا سادىق ۋە ئۇلارنى قوغدايدىغان دۆلېتىنى ساقلاپ قالالىغان مىللەتلەر ئىلغارلاشدى. ئۇنداق قىلالمىغانلار بېقىندىلىقدا زەئىپلەشدى ۋە ياكى غايىپ بولدى.  
دۆلەتسىز، ھەر قانداق ھالەتدە، ئۆزىنى ساقلاپ قالالىغان مىللەتلەر، نۇرغۇن قان- تەرلەر ھىسابىغا دۆلەتچىلىكىنى ۋە يوقاتقان مىللى روھىيېتىنى ئەكسىگە كەلتۈرىپ تەكرار ئىلغارلاشدى ياكى ئىلغارلىشىشقا ھەركەت قىلماقدا. ئۇلار ئېۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن ئۇلارنىڭ مەپكۇرىسىنى ياكى يېزىقىنى، خۇلۇقلىرىنى ئەمەس،  تېخنىكا ۋە ئۇلارنى ئىشلەش ئۇسۇللىرى ئېلىۋاتىدۇ.
نىمىشقىدۇر، مۇھاجىرەتدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىمىسى دىگىدەكلا ئېۋروپا مەستانىلىرىغا ئايلېنىپ، ئۆزىنىڭ مىللتىنى قوغدايدىغان دۆلېتىنى ئەكسىگە كەلتۈرىشكە ھەركەت قىلىشنىڭ ئورۇنىغا، ئۇيغۇرلارنى مىللەت دەرىجېسىگە كۆتەرگەن ئاساسى ئامىللارنىڭ بىرسى بولغان يېزىقىنى يوقۇتۇشقا ئۈنتېلىۋاتىدۇ. دۆلەتسىز مىللەتنىڭ يېزىقىنى ئالماشتۇرۇش ئۇنى يوقلىققا ئاپىرىدىغانلىقىنى چۈشەنماۋاتىدۇ.
بۇ، ئۇ، ئالى مەلۇماتلىق قېىنداشلارنىڭ مىللى روھىيەتگە ئىگە بولالمىغانلىقىدىن  ۋە ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.
مىھرىبان تەڭرىم (ئاللاھ)، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىلمى بىلىمىگە لايىق پاراسەت ۋە ئىمان ئاتا قىلغايسەن.  
                        2017 يىل، 11 ئاينىڭ 30
 ____________________________________________________
1) جىسمانى – ئېتىپ، تۈرمە، لوگەيلەرگە سولاپ ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرىش ۋە ناكا قىلىش،
2) روھى يوقتۇش - تارىخى نەسلىنى، مەدېنىيېتىنى، دىنىنى  يۇقۇتۇش.  
2 notes · View notes
jdysyejsysb82-blog · 7 years
Photo
Tumblr media
عندما ارى نظرات العطف تتقسم بين من حولي وانا كاني يتيم اقف ماددا يداي على اخذ نصيبي مثل اخوتي الكل اخذ وانصرف يلهو ويلعب حسنا وانا!! بنظرت خائب نظرت الى امي وهي تناظر ضحكات اخوتي وانشغلت عني ومن ثم انصرفت:: كسر قلبي وكل شي معه ولكن لم ادعها تحس بهذا انزلت عيناي وادرت ظهري بدموعا حارقه وبسمه مكسوره فمضيت وجلست في ركن من اركان ذالك الطريق اسال نفسي لماذا انا لست مثل البقيه ؟؟؟؟فلم يكن غير الصمت يطحن اضلعي . كتاباتي همسه قلم
0 notes